باش بەت

 مۇۋەپپەقىيەت

 تۇرمۇشۇم

 غارايىبات-يېڭىلىق

 ئىقتىساد-سودا

 ئىزدەش




  • تۆنۈگۈن ئىمتىھان ئالدۇق - [تۇرمۇشۇم ۋە تەسىرات]

    2008-06-19


    بىر ئوقۇش ماۋسۇمى ئاخىرلىشىپ، ئەمدى ھوسولنى يىغىدىغان پەيت كەلدى. مۇدىرىمىزنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تەۋەيىمىزدىكى كەنت مەكتەپكە ئىمتىھانغا كومىسسىيە بوپ ئىمتىھان ئالغىلى باردىم.مەن يەنە بىر خانىمچاق بىلەن 1-سىنىپتىن ئىمتىھان ئېلىشقا بەلگىلەندىم. سۇئالمىغۇ تەس ئەمەس، ھەممىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاغزاكىي جاۋاپ بېرىشى تەلەپ قىلىنغان سۇئاللار ئىدى.  ئوقۇغۇچىلار بىردىن-ئىككىدىن چىقىپ سۇئال يېزىلىپ، دۈم قىلىپ قويۇلغان باغاقچىلارنى تارتىپ سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىشكە باشلىدى:  

    -شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىنىڭ مەركىزى قەيەر؟

    -... (سۈكۈت) 

    -«بازار» ئۇيغۇر تىلىدا نېمە مەنىنى بىلدۈرىدۇ؟ (ھېچ ئىمكان بولماي، سىز بازارغا بېرىپ باققانمۇ؟ ئۇ نېمە ئىش قىلىدىغان جاي)-

    بىر نەرسە ئېلىپ-ساتىدىغان جاي   (كۆپىنچىلىرى سۈكۈت) 

    -خوتەننىڭ نېمىلىرى پۈتۈن جۇڭگوغا داڭلىق؟

    -ئاق قاشتېشى، ئانارى، گىلىمى ...        (ھەممە باللا دىگۈدەك خوتەننى بىلىدىكەن. ھى- ھى- ھى- )  

    -شىنجاڭنىڭ قانداق داڭلىق قىزىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بار؟ (مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلاردىن قايسىلىرى قىزىل رەڭلىك، مۇشۇنداق سوراشقا مەجبۇر بولدۇق)

    -ئانار، ئالما... (تەڭ يېرىمى سۈكۈت) 

    -قۇمۇل قەيەرگە جايلاشقان؟ ئۈرۈمچى بىلەن بولغان ئارىلىقى قانچە كىلومېتىر؟

    -... (سۈكۈت)،  600 كىلومېتىر (قارىغاندا ھەممىسى دىگۈدەك قۇمۇلغا بېرىپ كەلگەن ئوخشايدۇ. ھى- ھى- ھى-) 

    -كورلىنىڭ قانداق چىرايلىق نامى بار؟ (كورلىنىڭ نېمىسى داڭلىق)

    -... (سۈكۈت) 

    - يېڭى جۇڭگودىكى تۇنجى نېفىت شەھرى قايسى؟

    - ...         (ناھايتى كۆپ سۈكۈت) 

    -قەشقە قەيەرگە جايلاشقان؟

    - ... (ھەممىسى سۈكۈت) 

    -«ئۈرۈمچى» مۇڭغۇل تىلىدا نېمە دىگەن سۆز؟

    -... (ھەممىسى سۈكۈت) 

    شۇ تاپتا، كۆززۈمدىن ياش چىقمىغىنى بىلەن دىلىمدىن كۆز ياشلىرىم توختىماي تۆكۈلىۋاتىدۇ. بالىلارنىڭ سەبىي، ئوماق چىرايى، تارتىنىش-قورۇنۇشلىرى كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ... كېچىچە تۈزۈكمۇ ئۇخلىيالمىدىم.  

    سەۋەب زادى نەدە؟ بىز ئوقۇغۇچىلارغا نېمىلەرنى ئۆگەتتۇق؟ نېمىلىرىدىن مەھرۇم قىلدۇق؟ ئەجىبا بىز ئاشۇ سەبيلەرنىڭ، مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈستىدە جاۋاپكار ئەمەسمۇ؟

    分享到:

    评论

  • بۈگۈنمۇ ئېلانىڭىزنى چېكىۋەتتىم.
    回复دەۋىر说:
    رەھمەت
    2008-06-20 08:46:02