باش بەت

 مۇۋەپپەقىيەت

 تۇرمۇشۇم

 غارايىبات-يېڭىلىق

 ئىقتىساد-سودا

 ئىزدەش




  • «ئۇرۇقلاش» ئېلانى بەرگەنلەرگە جەرىمانە... - [يەتتە ئىقلىمدا ئاجايىپ]

    2008-07-03


    فرانسىيە خەلق پارلامېنتى 15-ئاپرىل بىر قانۇن لايھىسىنى ماقۇللاپ، مودا ژۇرناللاردا، ئېلانلاردا ۋە تور بېكەتلىرىدە «جۈدەپ قورايدەك بولۇپ كېتىش» گۈزەللىكى ھەققىدىكى قاراشلارنى بىرىشنى مەنئىي قىلدى. خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا ئىككى يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىدىكەن ياكى 30 مىڭ ياۋرۇ جەرىمانە قويۇلىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، فرانسىيىدە 40 مىڭغا يېقىن قىز ئىشتىھاسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان. ھەر يىلى ئىشتىھاسىزلىق كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى باشقا روھىي كېسەل بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانىدىن ئېشىپ كەتكەن.

    分享到:

    评论

  • جۇڭگودا مودا بولىۋاتىدۇ ، جۇڭگومۇ شۇنداق دورىلارنى چەكلىسە بولىدۇ ، مەن ھازىر تېلۋىزورلاردىكى بەزى بىر مەينەت ئېلانلارنىڭ دەستىدىن كومپيۇتېرنىلا كۆرىمەن تېلۋىزورغا يېقىن كەلمىگىلى خېلى ئۇزۇن بوپتۇ.
    回复بىلىملىك بلوگ说:
    شۇنداق دەيسىز، مەنمۇ تېلېۋىزوردىن بىرەر-بىرەر ۋاقتىم چىقسا «جاھانتىكى ئىشلار«، «ئادەم ۋە تەبىئەت«، «دۇنيا ھەپتىىلىكى« ۋە ئازىراق ئىقتىساد خەۋەرلىرىنى كۆرىمەن. ئېلانلاردىنلا زېرىكىدۇ كىشى. ھېلىمۇ ياخشى تېلېۋىزور قانىلىنىڭ كۆپ بولۇپ قالغىنى، بولمىسا ئىش بارمىكىن دەيمەن
    2008-08-05 02:41:04
  • ھەددىدىن زىيادە ئورۇقلاپ كەتسە قانداقمۇ گۈزەللەشكەن بولسۇن،مېنىڭچە ئادەم دىگەن ھەددىدىن زىيادە سېمىز بۇلۇپ كەتمىسىلا بۇلىدۇ.
    回复ئىدىقۇت说:
    توغرا، سىمىزلىك ھازىقى دۇنيادىكى ئەڭ زامانىۋىي كېسەللىكلەرنىڭ مەنبەسى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. شۇڭا يەنىلا مۇۋاپىق بولغان ياخشى
    2008-08-01 18:24:18
  • 21-ئەسىر كىرگەندىن بۇيان ئورۇقلاش گۈزەللىك بولماي قالدى،ئورۇقلاشنىڭمۇ چېكى بولىدۇ-دە، شۇڭا توغرا قىلىپتۇ.
    回复دۇنياقارا说:
    بلوگىمغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا...
    2008-07-07 23:50:48
  • ياخشىمۇ سىز؟ ئىككىمىزنىڭ بلوگ ئۇسلۇبىمىز ئاساسى جەھەتتىن ئوخشاش ئىكەن لىكىن مىنىڭ بلوگىمنىڭ باش بىتى fireFox دا نورمال كۆرۇنمەيدۇ بۇ نىمە ئىش؟
    回复ئۈمىد说:
    زادى نېمە سەۋەپلىكىنى بىلمىدىم. ھەقىقەتەن شۇنداق ئىكەن. مېنىڭ بلوگىمغۇ Firefox تا نۇرمال كۆرۈنىۋاتىدۇ بولمىسا....
    تەكلىماكان ئەپەندىم ياخشىراق جاۋاپ بېرەلەمدىكىن...
    2008-07-07 23:51:59