باش بەت

 مۇۋەپپەقىيەت

 تۇرمۇشۇم

 غارايىبات-يېڭىلىق

 ئىقتىساد-سودا

 ئىزدەش




  • 3G iPhone تېلېفۇنىنى 8 كۈن ئىچىدە يىشىۋېتىلىپتۇ - [جاھاندىكى يېڭىلىقلار]

    2008-07-21


    ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 21-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 3G ئۆلچىمىدىكى iPhone بازارغا سېلىنىپلا 8 كۈن ئىچىدە يېشىۋېتىلىپتۇ، ئەمما ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى، يەرلىك تورلاردا نۇرمال خىزمەت قىلالمايدىكەن.

    ئىسمى "iphone تەتقىقات گۇرۇپپىسى" [iphone-dev team]  دەپ ئاتىلدىغان بىر خەلقئارالىق پروگراممىچىلار گۇرۇپپىسى شەنبە كۈنى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى بازارغا سېلىنغان ئالما 3G ئۆلچىمىدىكى iPhone نىڭ كودلىرىنى يېشىۋەتكەنلىكىنى جاكارلىغان. نۆۋەتتە، مەزكۇر تەشكىلات توردا مەزكور يېشىۋېتىلگەن پروگراممىنى ھەقسىز تارقىتىۋەتكەن.

    بۇ تەشكىلار بىرىنچى ئەۋلاد iPhone دىن بۇ ئۈنۈمگە ئېرىشكەن. ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى، شۇ يېشىلمە پروگرامما پەقەت 3G ئۆلچىمىدىكى iPhone نىڭ ئۈچىنچى بىر تەرەپ يۇمشاق دېتاللىرىنىلا قوللايدىكەن. ئەمما 1-ئەۋلاد iPhone  غا ئوخشاش يەرلىك تورلاردا نۇرمال ئىجرا بولمايدىكەن. شۇڭلاشقا، نۆۋەتتىكى ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، بۇ بۇزغۇنچىلىقنىڭ ئۈنۈمى ئانچە چوڭ بولمايدىغاندەك....

     

    http://tech.qq.com/a/20080721/000070.htm

    分享到: