باش بەت

 مۇۋەپپەقىيەت

 تۇرمۇشۇم

 غارايىبات-يېڭىلىق

 ئىقتىساد-سودا

 ئىزدەش




  • ئوڭۇشسىزلىق بېيىش ئارزۇيىڭىزنى يەۋەتمىسۇن - [مۇۋەپپەقىيەتشـۇناسلىق]

    2015-10-13


    ئۆزىڭىزگە تونۇش بولغان ئىشنى قىلىڭ

     

    روبىرت ۋە جورج ئىسىملىك ئىككى ئامېرىكىلىق نيۇ-يوركتا ئاپتوموبىل رېمونتخانىسى ئېچىپتۇ، تىجارىتىمۇ ناھايتى ياخشى يۈرۈشۈپتۇ. لېكىن، بىر مەزگىلدىن كېيىن ئىككىلىسى بۇ ئىشتىن زېرىكىپ قاپتۇ ۋە رېمونتخانىنى سېتىۋېتىپتۇ.

     

    روبېرت بىلەن جورج پۇلنى ئالېىپ مىئامىغا كەپتۇ. بۇ يەردە ئۆي-زېمىن، قۇرۇلۇش ساھەسىنىڭ قىزىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، بۇ ساھەدە پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى بايقاپ، قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر شىركەتنىڭ پېيىتنى سېتىۋاپتۇ. ئەمما، ئىككىلىسى قۇرۇلۇش ساھەسىگە نىسبەتەن «ساۋاتىسز» بولغاچقا، بۇ شىركەتنى ئاققۇزالماي، ئېغىر زىيان تارتىپتۇ. ئامالسىز يىغلاپ تۇرۇپ، بۇ شىركەتنىڭ بارلىق پېيىنى زىيىنىغا سېتىۋېتىپ، قايتىدىن ئاپتوموبىل رىمونتخانىسى ئېچىپتۇ.

    分享到: