باش بەت

 مۇۋەپپەقىيەت

 تۇرمۇشۇم

 غارايىبات-يېڭىلىق

 ئىقتىساد-سودا

 ئىزدەش




  • ھىكايەت - ھەرىكەتتە بەرىكەت - [مۇۋەپپەقىيەتشـۇناسلىق]

    2009-02-12


         ناھايىتى كەمبەغەل ئىككى بەخت ئىزدىگۈچى ياش تالايلىغان جاپا_مۇشەققەتلەرنى تارتىپ، ئاخىرى ناھايىتى يىراق بىر جايدىن بەخىت ئەلچىسىنى تېپىپتۇ.

    بەخت ئەلچىسى ئۇلارنىڭ سەمىمىيىتىدىن تەسىرلىنىپ ھەربىرىگە بىر تالدىن بەخت ئۇرۇقى ھەدىيە قىپتۇ.

    بىرىنجى ياش قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇرۇقنى يېرىگە تېرىپتۇ.

    ئۇزاق ئۆتمەستىن يەردىن بىر مېۋىلىك كۆچەت ئۈنۈپ چىقىپتۇ. ئۇ ھەر كۈنى ئاشۇ كۆچەتنى سۇغىرىپ ئوبدان پەرۋىش قىلىپ بەرگەچكە، كۆچەت ئىككىنجى يىلىلا باراقسانلاپ ناھايىتىق كۆپ مېۋە بېرىپتۇ. ئۇ داۋاملىق تىرىشىپ ئاشۇ بىرتال كۆچەتتىن چوڭ بىر مېۋىلىك باغ ئەھيا قىپتۇ ھەمدە نامى يىراق-يېقىنغا تارقىلىپ،كاتتا بىر بايغا ئايلىنىپتۇ.

        ئىككىنچى ياش بىر ئىتكاپ ياساپ، بەخت ئۇرۇقىنى ئىتكاپنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، ھەر كۈنى ئىخلاسمەنلىك بىلەن ئىبادەت قىپتۇ. ئۇ گەرچە چاچلىرى ئاقىرىپ كەتكىچە دۇئا-تىلاۋەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا بۇرۇنقىدەك نامرات پېتىچە تۇرىۋېرىپتۇ.

    分享到: